بەلىش
بەلىش ناھايىتى يىيىشلىك كۆركەم داستىخانلىغى بار بولغان ئېسىل پۇشرۇق
用料
ئۇن500گىرام | 4 تال تۇخۇم |
سۈت 190 گىرام | ئېچىتقۇ بىر قوشۇق |
سودا بىر بال قوشۇق | شېكەر بىر پىيالە |
ئەبجەش ماي بىر پىيالە | مۇراببا ياكى گۈلە |
بەلىش的做法
1.ئالدى بىلەن سۈتنى 50 گىرادۇس ئىلمان ئىسسىتىپ ئۈستىگە بىر قوشۇق ئېچىتقۇ بىر بال قوشۇق سودانى ، ئىككى قوشۇق شېكەرنى ئۈچ قوشۇق ئۇننى سېلىپ ئۇننىڭ گاداسى تۈگىگىچە ئارلاشتۇرىمىز بۇ ئېچىتقۇ بولىدۇ
2.قەدەمدە يەنە بىر جاۋۇرىمىزغا بىر پىيالە ئەبجەش ماي (ياكى قۇيرۇق ماي بولسىمۇ بولىدۇ ) 4 تال تۇخۇم بىر پىيالە شېكەرنى سېلىپ بايا تەييارلىۋالغان سۈت ئېچىتقۇرىمىزنى قۇيۇپ قولىمىزدا تازا ئارلاشتۇرىمىز
3.قەدەمدە ئۇننى سېلىپ لەغمەن خېمىردەك چىڭلىقىدا خېمىر يۇغۇرىمىز خېمىر نى 10~15 مىنۇتقىچە يۆگەپ تىندۇرمىز ، خېمىر تىنغىچە قىيام تەييارلايمىز
خېمىر تىنىپ بولغاندىن كىيىن ، خېمىرنى چوڭ كىچىك ئىككى زۇۋلا قىلىۋالىمىز چوڭ زۇۋلىنى لىسىمىزنىڭ چوڭلۇقىدا تەكشى ئاچىمىز ،ئۈستىگە قىيام ياكى مىۋە قىيامنى تەكشى سۈركەيمىز ، ئاندىن كىچىك زۇۋلىنى نېپىز ئېچىپ ئۇزۇن قىلىپ قىيىقچىدا كېسىۋالىمىز ، ئاندىن قىيما ئۈستىگە كەسكەن خېمىرمىزنى شەكىل چىقىرىپ تىزىمىز
5.قەدەمدە رەسىمدىكىدەك تەييارلاپ بولۇپ ئۈستىنى تۇخۇمنىڭ سېرىقنى تەكشى سۈرۈپ ئالدىن قىزىتىلغان دۇخوپكىغا سېلىپ 30 مىنۇت ئەتراپىدا پۇشۇرساق بولىدۇ
مانا پىشىپ چىقتى قېنى ئۆزىڭىزمۇ بىر سىناپ ئېتىپ تەمىنى تېتىپ كۆرۈڭ بەك يىيىشلىك